خىتاي قەشقەردە ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىغا مەخسۇس مۇلازىمەت مەركىزى قۇردى

خىتاي دائىرىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان «قەشقەرنى شېنجېنغا ئايلاندۇرۇش» پىلانىنىڭ تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان مەزگىلدە دائىرىلەر قەشقەردە قۇرۇلىدىغان ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىغا خېرىدار چاقىرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇپ خىزمەت باشلىغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.07.25

قەشقەر ھۆكۈمەت تورىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر مۇلازىمەت مەركىزى نەق مەيداندا كىنىشكا بېجىرىش، مەبلەغ سېلىش ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى توپلاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئۆتەيدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا مۇلازىمەت ئورنىغا قۇرۇلۇش، پىلان، مۇھىت ئاسراش ۋە دۆلەت يەر-زېمىن ئىدارىسى، قاتارلىق 81 ئورگان ئىشخانا تەسىس قىلغان بولۇپ، ئۇلار «ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ماسلىشىپ» خىزمەت قىلىدىكەن.

«شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەردە ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون بەرپا قىلىپ، خىتاي سودىگەرلىرىنى كۆپلەپ تەكلىپ قىلىش پىلانى ئوتتۇرىغا قويغان.

بەزى خەۋەرلەردە بۇ ئالاھىدە رايونىنىڭ ئاساسلىق نوپۇسى ئۇيغۇر بولغان قەشقەر دىيارىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەنە كۆپلەپ يۆتكەپ كېلىش مەقسىتىدە قۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەمدە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.