قەشقەردىكى ئۆي چېقىشتا توختامىغا ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى

خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەرلىرى تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۆي چېقىش كېلىشىمىگە بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى، ئىمزا قويۇشنى كېچىكتۈرگۈچىلەرگە بېرىلىدىغان مۇكاپاتنىڭ ئازايتىلىدىغانلىقى ياكى بۇ خىل مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.02.28

ئۇقتۇرۇشتا، ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن مۇددەت ئىچىدە كۆچۈشكە ماقۇل بولۇپ، كېلىشىمگە ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن مۇددەت ئىچىدە ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ ھەر بىر كۋادرات مېتىر دائىرە ئۈچۈن 100 يۈەندىن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىدىغانلىقى، ئىمزا قويۇشنى كېچىكتۈرگەنلەرنىڭ مۇكاپات پۇلىنىڭ ئازىيىپ بارىدىغانلىقى ياكى بۇ خىل مۇكاپاتتىن مەھرۇم قالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر بولسا قەشقەر دائىرىلىرى چىقارغان بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ پۇقرالارنى ئۆي چىقىش كېلىشىمىگە مەجبۇرلاشنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، غۇلجا، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلىرىدا، شەھەر قۇرۇلۇش پىلانى ئېھتىياجى دېگەن باھانىدە، ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىش ئەۋج ئالغان.

قەشقەر شەھەر مەركىزىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى ئۆيلىرىنىڭ چېقىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆچۈرۈلۈشى خەلقئارالىق ھوقۇق تەشكىلاتلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.
 نۆۋەتتە بېيجىڭدا ئەرز قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەرزدارلىرىنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ ئۆي-جايىدىن ئايرىلىپ قالغانلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.