«قەشقەر يېڭى بازار ۋەقەسى» دە زىيانغا ئۇچرىغان خىتايلارغا ياردەم پۇلى بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى

قەشقەردە «يېڭى بازار ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋەقەدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن10 مىليون يۈەن ئاجراتقان.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.08.04

قەشقەر ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت بۇ ھەقتە تارقاتقان ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى«ۋەقەدە يارىلانغانلارنى داۋالاش خىزمەتلىرىگە جىددىي قاراپ، ئۇنى ئىنتايىن ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغان» نىڭ سىرتىدا، ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە يارىلانغانلارنىڭ ھەر بىرىگە 200 مىڭ يۈەندىن قۇتقۇزۇش پۇلى بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىمۇ خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەدە زىيانغا ئۇچرىغان خىتايلارغا يۈز مىڭ يۈەنلەپ قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلى بەرگەن. ئەمما، شۇ ئوخشاش كۈندە ھەم-7 ئىيۇل قولىغا تۆمۈر توقماقلارنى ئېلىپ كوچىلارغا چىققان خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلاردىن قىساس ئېلىش ھەرىكىتىدە يارىلانغان ياكى ئۆلگەن ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق تۆلەم بېرىلمىگەن، ھەتتا ئۇ ئۇيغۇرلاردىن ھېچقانداق بىر ھۆكۈمەت رەھبىرى ئەھۋال سورىمىغان ئىدى.

ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مانا بۇ پەرقلىق مۇئامىلىسىمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نارازىلىق پەيدا قىلغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز پۇقراسى قاتارىدا كۆرمەيدىغانلىقىنىڭ مانا شۇ تۆلەم تۆلەش مەسىلىسىدىمۇ ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پەرقلىق سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.