قەشقەرنىڭ پارتكوم سېكرىتارى 'يەتتە تېررورچى تەشكىلاتنى پاچاقلىدۇق' دەپ جاكارلىدى

قەشقەر شەھىرىنىڭ خىتاي پارتكوم سېكرىتارى جاڭ جيەن شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا مەلۇمات بېرىپ 'مۇشۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، چەتئەللەردە قۇرۇلغان تەشكىلاتلارغا چېتىلىدىغان 7 تېررورچى تەشكىلاتنى پاچاقلىدۇق' دەپ جاكارلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.06.03
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى 'تېررورچى'، 'بۆلگۈنچى' دەپ قولغا ئالغان كىشىلەر ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى. خىتاي ئەمەلدارى جاڭ جيەن يەنە 'ھۆكۈمىتىمىز تېررورچىلارغا قارشى تۇرۇش ئارقىلىق بۇ رايوننى تىنجىتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ رايونغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشقا باشلىدى. بۇ رايوندا خەلقنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلانغانسىرى تېررورچى تەشكىلاتلار شۇنچە كۆپ كەينىگە چېكىنىۋاتىدۇ' دەپ مەلۇمات بەرگەن بولسىمۇ، بۇ ھەقتىمۇ، يەنىلا ھېچقانداق تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ شىنجاڭنى خىتايدىن بۆلۈۋېلىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە ھەربىي تەلىم ئېلىپ تېررورچىلىق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلەپ، 1990 ‏ - يىلىدىن 2003 ‏ - يىلىغىچە " 591 تېررورچى گۇرۇھنى پاچاقلاپ، تېررورچىلارنى قولغا ئېلىپ " جازا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلارنى يەنە ئىنتېرنېتنى ئۆزىگە قورال قىلىپ، ئۆز - ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇپ، تەشكىللىنىپ بۆلگۈنچىلىك قىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلەشكە باشلىدى.

ب ب س نىڭ ۋە مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 4 ‏ - ئايدا، بۇلتۇر 8‏ - ئاينىڭ 4 ‏ - كۈنى قەشقەردە خىتاينىڭ 17 نەپەر چېگرا ساقچىسىنى ئۆلتۈرۈپ 15نى يارىلاندۇرغان ئىككى ئۇيغۇرنى سوراق قىلىپ، ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئىدى. قەشقەر شەھىرىنىڭ خىتاي پارتكوم سېكرىتارى جاڭ جيەن بۇ ۋەقەنى يەنە تىلغا ئالدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي پارتكوم سېكرىتارى ئاشكارىلىغان مەلۇماتىدا يەنە، ئافغانىستان، پاكىستان، تاجىكستان، قىرغىزستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدىغان قەشقەر شەھىرىدە، ئۇيغۇرلار نوپۇسنىڭ 90% نى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى، بۇ رايوندا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ناھايىتى ئەۋج ئالغانلىقىنى، 1949 ‏ - يىلىدىن كېيىن 11 قېتىم توپىلاڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوندا 4 قېتىم كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى، 1990 ‏ - يىلىدىن كېيىن بۇ رايوندا يەنە 350 قېتىم تېررورچىلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى، بۇ جەرياندا 60 نەپەر خىتاي ئەمەلدارى ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرىمۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ۋەزىيەت تېخىمۇ جىددىي بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Dec 13, 2012 05:34 PM

maqale pakitliq boptu

تولۇق بەت