گېنادى پاۋليۇك 16 - دېكابىر كۈنى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستانغا كېلىپ، ئالما - ئاتادىكى بىر مېھمانخانىدىن بىر ئېغىزلىك ياتاقخانىنى ئىجارىگە ئالغان. شۇ كۈنى پاۋليۇك بىر كىشىنىڭ ھەمراھلىقىدا مېھمانخانىدىن چىقىپ كېتىپ، بىر ئائىلىلىكلەر بىناسىنىڭ 6 - قەۋىتىدىن پۇت - قولى باغلانغان پېتى يەرگە تاشلىۋېتىلگەن ھالدا بايقالغان. ئۇ دوختۇرخانىدا بىر قانچە كۈن ھۇشسىز ياتقاندىن كېيىن سەيشەنبە كۈنى ئۆلگەن.
قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچى پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە شەخسلەر بۇ ۋەقەدە باقىيېفنىڭ قولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. لېكىن، پرېزىدېنتنىڭ باياناتچىسى باقىيېفنىڭ بۇ ۋەقە بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى رەت قىلغان. پرېزىدېنت باقىيېف 2005 - يىلى ھاكىمىيەت سورىغاندىن بۇيان ئۇنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلى قوپاللىشىپلا قالماي، بەلكى ئۆكتىچى رەھبەرلەر ۋە جۇرنالىستلارغا سۈيقەست ھەم ھۇجۇم قىلىش ئەھۋالى كۆپەيگەن ئىدى.
پاۋليۇك ئىلگىرى "كومسومولسكايا پراۋدا" گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇ ئۆتكەن يىلى ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ئۆمەربەك تەكەبايېف بىلەن يېقىنلىشىپ، باقىيېفنى تەنقىدلەشنى كۈچەيتكەن ئىدى.
تەكەبايېف بولسا پاۋليۇكنىڭ قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن باقىيېفنىڭ باياناتچىسى ئالماز تۇردۇمەمەدوف، قاتىللارنى ئادالەتنىڭ جازاسىغا تارتىشنى تەلەپ قىلىپ، " تەكشۈرگۈچىلەر بۇنىڭغا كىم جاۋاپكار بولسا چوقۇم تېپىپ چىقىشى كېرەك" دېگەن.