ب. نۇرلانوف: قىرغىزىستاننى خىتاينىڭ ئۆلكىسىگە ئايلىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئاگاھلاندۇردى
2012.10.29
خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي تىلى ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنى تارقىتىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ كۆپلىگەن مەملىكەتلىرىدە، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» قۇرۇپ، بۇ دۆلەتلەردە خىتاي تىلى ئۆگىتىشكە مەبلەغ ئاجراتماقتا، ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىدىكى مىللەتپەرۋەر گۇرۇپپىلار بۇ ئەھۋالدىن نارازى بولۇپ ئۆز ھۆكۈمەتلىرىنى ئەيىبلىمەكتە، يېقىندا رۇسىيىدە تارقىتىلىدىغان «ئوتتۇرا ئاسىيا» ئۇچۇر ۋە ئانالىز تورىدا قىرغىزىستانلىق مۇتەخەسسىس ب. نۇرلانوفنىڭ «بىشكەك خىتاي ئۆلكىسىگە ئايلىنامدۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
ئاپتورنىڭ تەكىتلىشىچە، يېقىندا قىرغىزىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى گۇلنارا ئاسىمبېكوۋا قىرغىزىستاندا خىتاي تىلى ئوقۇتۇشنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي تىلىنى كىچىكىدىن تارتىپ ئۆگىتىش لازىملىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، قىرغىزىستان-خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇش، خىتاي تىلىدا يەسلى ۋە مەكتەپلەرنى قۇرۇش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.
ئاپتور ھازىر خىتاينىڭ قىرغىزىستانغا كۆرسىتىۋاتقان ئىقتىسادى تەسىرى ۋە باشقىلارنى جۈملىدىن خىتاي تىلى ئوقۇتۇش تەشەببۇسلىرىنى مىسسال قىلىش ئارقىلىق «قىرغىزىستان پات يېقىندا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئايلىنىپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
نۇرلانوف ئەپەندى ماقالىسىدە يەنە، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «ھۆكۈمىتىمىز قىرغىزىستاننىڭ يەنە بىر چوڭ دۆلەتنىڭ ئۆلكىسىگە ئايلىنىشىغا يول قويماسلىقى لازىم، چۈنكى بىزنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن مۇستەقىللىققە ئېرىشىشىمىز ئاسانغا چۈشمىدى» دەپ تەكىتلىگەن.