ئۇيغۇر ئېلىدىن يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قىزلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ مېڭىلدى

ئۇيغۇر ئېلىدىن يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قىزلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ مېڭىلدى. دەل شۇ پەيتتە، ئۇيغۇر ئېلىگە جايلاشقان بىڭتۇئەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن زور تۈركۈمدە ئاققۇن ئىشچىلارنى قوبۇل قىلدى.

شىنخۇئا ئاخباراتىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەت خىتاي ئۆلكىلىرىگە يولغا سېلىنغان ئۇيغۇر قىزلىرى خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيىسىدىن بولۇپ، جەمئىي 115 نەپەر. بۇلار چىڭداۋغا جايلاشقان "چىڭداۋ تەيگۇئاڭ ئاياغچىلىق شىركىتى"گە بىر يىللىق توختام بىلەن ئېلىپ مېڭىلغان.

خەۋەر كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار بىڭتۇئەن ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئەمگەك ئىدارىسى كەسىپ تونۇشتۇرۇش بۆلۈمىدىن ئىگىلەنگەن. خىتاي ئاققۇن ئىشچىلار ئاساسەن خېنەن، گەنسۇ ۋە چۇڭچىڭ قاتارلىق ئۆلكە رايونلاردىن ئېلىپ كېلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل بىڭتۇئەن 7 مىليون مو كېۋەز تېرىغان بولۇپ، كېۋەز تېرىش ئۈچۈن 50 مىڭ ئىشچىغا ئېھتىياجلىق ئىكەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، چىرا ناھىيىلىك ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئالىمجان ئەيساق، بۇ يىل مەزكۇر ناھىيە "چىڭداۋ تەيگۇئاڭ ئاياغچىلىق شىركىتى" بىلەن 300 ئىشلەمچى يەتكۈزۈپ بېرىش توختامى تۈزگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2004 - يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەت پۇرسىتىنىڭ كەملىكى، ئەمما ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئارتۇقلۇقىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن ياش ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكە كەلمەكتە ئىدى.

مەزكۇر ئۇيغۇر "ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ" ئارىسىدا قىزلارنىڭ كۆپ بولۇشى، ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغان.

نەتىجىدە، مەزكۇر سىياسەتنىڭ "26 - ئىيۇن شاۋگۇئەن ۋەقەسى" ۋە "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" گە سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.