دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ قورال ئىمپورت قىلىۋاتقان دۆلەت ھىندىستان، خىتاي ۋە جەنۇبىي كورىيە

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، باش ئورگىنى ستوكھۇلىم شەھىرىدىكى دۇنيا تىنچلىقى ئىنستىتۇتى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دۇنيا بويىچە 2006‏-يىلىدىن 2010‏-يىلىغىچە بولغان بىر مەزگىل ئىچىدە، دۆلەتلەر ئارا يۆتكىلىۋاتقان قورال-ياراق سانى 2001‏-يىلىدىن 2005‏-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدىكىدىن 24% كۆپەيگەن.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.03.14
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ قورال كىرگۈزگەن رايونلار ئاسىيا بىلەن ئوكيانىيىدە. پۈتۈن دۇنيادىكى قوراللارنىڭ 9% ئى ھىندىستان ئارقىلىق، 6% خىتاي ئارقىلىق، 5% ئى پاكىستان ئارقىلىق يۆتكەلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادىكى قورال -ياراقلارنىڭ 30% نى ئامېرىكا ئېكسپورت قىلىدۇ. دۇنيا بويىچە ئۆزىنىڭ كۆزلىگەن مەقسەتلىرى ئۈچۈن ئەڭ كۆپ قورال ئىمپورت قىلىۋاتقان دۆلەت ئۈچ، ئۇنىڭ بىرىنچىسى ھىندىستان، ئىككىنچىسى خىتاي، ئۈچىنچىسى جەنۇبىي كورىيە. مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر پەيدا بولۇۋاتقان يەنە بىر يېڭى يۈزلىنىش شۇكى، دۇنيادا بومباردىمانچى ئايروپىلان ئىشلىيەلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر ئالجىرىيىدىن توختام قوبۇل قىلىشقا قىزىقماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت