شىنجاڭ قوراللىق ساقچى قىسىم باش ئەترىتىنىڭ شتاتى ئۆزگەرتىلگەنلىكى مەلۇم
2013.01.11
بىراق خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ شتاتى ئۆستۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغان-بەرمەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.
بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قوراللىق ساقچى قىسىم باش ئەترىتىنىڭ باشلىقى قوماندانغا ئۆزگەرتىلسە، بۇ ئۇنىڭ شتاتى ئۆستۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
مەزكۇر بۇيرۇق خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى شىنجاڭ باش ئەترىتى پارتكومىنىڭ 3-نۆۋەتلىك 9-ئومۇمى يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن يىغىندا سۆز قىلىپ، قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشقا چاقىرغان. داۋاملىق ئاتالمىش بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، «ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش» نى تەلەپ قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تىنچ ۋە قانۇنلۇق سىياسىي ئۆكتىچىلىك ھەرىكەتلىرىنى قوراللىق باستۇرۇپ، ئۇلارنى تېررورلۇق ھەرىكىتى قاتارىدا قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشى ئىزچىل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى.