خىتاي، قوش تىل مائارىپ دەرسلىكىنى تۈزىتىش مۇراسىمىدا ئەسلى مەقسىتىنى ئېيتىشقا پېتىنالمىدى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئالدىنقى كۈنى قوش تىل مائارىپ دەرسلىكىنى تۈزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.08.17

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، يىغىندا قوش تىل مائارىپى دەرسلىكىنى تۈزىتىش خىزمىتىنىڭ باشلانغانلىقى ئېلان قىلىنغان؛ يىغىندا يەنە تۈزىتىشكە قاتنىشىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكى ئۇقتۇرۇلغان ۋە تۈزىتىش خىزمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا چاقىرىق قىلىنغان. ئەمما يىغىندا تۈزىتىشنىڭ نېمە ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، يەنى دەرسلىكلەردە قانداق خاتالىق ياكى كەمتۈكلۈك بارلىقى ھەققىدە ھېچنېمە دېيەلمىگەن؛ دەرسلىكتە تولۇقلىنىدىغان مەزمۇن ۋە يېتىلىدىغان مەقسەت ھەققىدىمۇ ئاشكارا پىكىر بايان قىلىنمىغان.

بۇ ھەقتە پەقەت «دەرسلىكنىڭ قىيىنلىق-ئاسانلىق دەرىجىسى بىلەن يېتىلىدىغان نىشان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش» دېگەنگە ئوخشاش مۈجمەل بايانلار تەكرارلانغان.

خىتاي يىللاردىن بېرى قوش تىل مائارىپنى يولغا قويۇشتا، ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭخۇا ئېڭىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى يوشۇرماي كەلگەن ۋە بۇ، بىر قىسىم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى قوش تىل مۇراسىم يىغىنىدا مەزكۇر مۇددىئاسىنى تىلغا ئالماسلىقى، ھەتتا ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شوئارىنىمۇ ئېغىزغا ئالماسلىقى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.