قۇمۇلدا چوڭ تىپتىكى ۋولفرام زاپىسى تېپىلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كان ئىدارىسى يېقىندا قۇمۇلنىڭ شەرقىي قىسمىدا 30مىڭ توننىدىن 50 مىڭ توننىغىچە زاپاس مىقدارىغا ئىگە ۋولفرام كانى تېپىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قۇمۇلدا بايقالغان ۋولفرام كانى خەلقئارادىكى ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك كانلار بىلەن باراۋەر كېلىدىكەن.

ۋولفرام ئېلېكتر سانائىتى، خىمىيە سانائىتى، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق ساھەلەردە ئىشلىنىدىغان قىممەتلىك رەڭلىك مېتال بولۇپ، دۇنيانىڭ يېقىنقى يىللاردىكى تەرەققىيات ئېھتىياجىدا كەم بولسا بولمايدىغان قىممەتلىك مېتال. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ۋولفرام ئېكسپورتىدا دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا خىتايدىكى ۋولفرام خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالماسلىق خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. مۇشۇنداق مەزگىلدە قۇمۇلدا تېپىلغان بۇ ۋولفرام كان زاپىسى خىتاينىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغاندىن سىرت، چەتئەللەرگە ئېكسپورت قىلىش مىقدارىنىمۇ ئاشۇرىدىكەن.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ يېقىنقى 30 يىل ئىچىدىكى تەرەققىياتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مول يەر ئاستى بايلىق مەنبەسىگە تايانغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى رايونلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتارلىق بايلىقلىرىغا تايىنىپ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ بايلىقلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا ئىشسىزلىق، نامراتلىق ھالىتىدە قېلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.