قۇمۇل شەھىرى يېنىدىن 300 مىڭ توننا زاپاسقا ئىگە مولبىدىن كېنى تېپىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯜﺩﯞﺍﺭ
2010.06.06
2010.06.06
مەزكۇر قىممەتلىك يەر ئاستى بايلىقى تېپىلغان جاي قۇمۇل شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى يامانسۇ بازىرىنىڭ غەرب تەرىپىدىن 40 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، بۇ جايدا خېنەن ئۆلكىسىنىڭ گېئولوگىيىلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش دائىرىلىرى ئۈچ يىلىدىن ئارتۇق ۋاقىت تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاخىرى مەزكۇر مولبىدىن كانلىقىنى بايقىغان ھەمدە مەزكۇر كان بەلۋېغىدا تەخمىنەن 450 مىڭ توننىدىن ئارتۇق مولبىدىن زاپىسى بارلىقىنى، بۇ بايلىقنىڭ ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 200 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ھېسابلاپ چىققان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىر قۇمۇل تەۋەسىدە قىدىرىپ تەكشۈرۈلگەن ئېنېرگىيە خاراكتېرلىق يەر ئاستى بايلىقلىرى سەككىز خىلغا، كان تۈرلىرى 55 خىلغا يەتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى رەڭلىك مېتاللار، كەم ئۇچرايدىغان مېتاللار، خىمىيىۋى ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق كۆپ خىل تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
قۇمۇلدىن قېزىلىۋاتقان كۆمۈرمۇ زور سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، قۇمۇلنىڭ كۆمۈر مەھسۇلاتلىرى ئۇزۇندىن بۇيان غەربنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە توشۇش پىلانى بويىچە ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلماقتا.