ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھرى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتلىق نامىزىنى بىرگە ئوقۇدى
2012.10.26
ھەر يىلى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقاندەك بۇ يىلقى ھېيت نامىزىنىمۇ يەنە، ئامېرىكا-تۈرك دوستلۇق جەمئىيىتى، ناملىق تەشكىلات ئورۇنلاشتۇرغان. ھېيتلىق نامىزىنى ئۇيغۇرلار بۇ تەشكىلاتنىڭ جامائىتى بىلەن بىرلىشىپ ئوقۇدى. ئامېرىكا-تۈرك دوستلۇق جەمئىيىتى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، مەلۇم بىر جاينى ئىجارىگە ئېلىپ، روزا ۋە قۇربان ھېيت نامىزىنى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە ئوقۇپ كەلگەن. مەزكۇر جەمئىيەت بۇ يىل فەيرفەكس ناھىيىسىدىكى بىر چېركاۋنى ئىجارىگە ئېلىپ، قۇربان ھېيتلىق نامىزىنى شۇ يەردە ئوقۇغان.
بۇ يىلقى ھېيت نامىزىغا ئۇيغۇر ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ كۆپلەپ قاتناشقانلىقى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بالا-چاقا، ئائىلە تاۋابىئاتى بىلەن كېلىپ ھېيت نامىزى ئوقۇغانلىقى دىققەت قوزغىدى. ئايەم كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىگەن. ئۇ باياناتىدا: ئۇزۇن يىللار مابەينىدە، مۇسۇلمانلار باشقا دىنىي ئېتىقادتىكىلەرگە قوشۇلۇپ، ئاچارچىلىق، كېسەللىك ۋە توقۇنۇشتا قالغان ئىنسانلارغا خىزمەت قىلىپ كەلدى. مۇسۇلمانلار قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم قىلىش، خەيرخاھلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ خىل مەرھەمەت، ئىبراھىم ئۈممەتلىرى ۋە باشقا دىنلاردىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ ئورتاق قىممەت قارشىنى نامايان قىلىدۇ، دېگەن.