رابىيە قادىر خانىمنى چارشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ ئىككى نەپەر ئەزاسى خىتاينىڭ قارشىلىقىغا قارىماي تەكلىپ قىلغان.
پائالىيەتكە ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرى، مۇخبىرلار ۋە بىر قىسىم سىياسىي ئەربابلار قاتناشتى.
رابىيە قادىر خانىم يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرا شەرقتە بىر نەچچە مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى، خىتاي رەھبەرلىكىدە سىلكىنىش پەيدا قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رابىيە قادىر خانىم يەنە، ئوتتۇرا شەرقتىكى نامايىشلار ئەۋجىگە چىققان پەيتلەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىرىنى بىر ئۇرۇش رايونىغا ئايلاندۇرغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئاختۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: تۇنىس ۋە مىسىردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئۇيغۇر ۋە خىتاي خەلقىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى. چۈنكى بۇلار، بۇ ئېزىلگەن خەلقتە گۈزەل دۇنيا ۋە ئۆزگىرىشكە بولغان ئىشەنچ پەيدا قىلغان ئىدى.
رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى ئۈچۈن ئاۋسترالىيىگە كەلگەن ئىدى.