رابىيە قادىر خانىم: خەلقئارا جەمئىيەت بېيجىڭ دائىرىلىرىنى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى توختىتىشقا قىستاش كېرەك

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ 20 نەپەر ئۇيغۇرغا «تېررورچىلىق جىنايىتى» بىلەن قاماق جازاسى بەرگەنلىكى ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چەكلىمىلىرىنى ئەيىبلىدى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇنىڭغا قارىشى ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.08.04


رابىيە خانىم بۇ سۆزلەرنى «ئاسىيا خەۋەرلەر تورى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويدى.

«ئاسىيا خەۋەرلەر تورى» نىڭ 3 - ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە نەقىل قىلىشىچە، رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاجىز چاغلاپ رامىزان مەزگىلىدە باستۇرۇۋاتقانلىقى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجىز ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: خەلقئارا جەمئىيەت بېيجىڭ دائىرىلىرىنى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى توختىتىشقا قىستاش كېرەك.

پەيشەنبە كۈنى قەشقەر، ئاقسۇ ۋە ئۈرۈمچىدىكى 3 ئوتتۇرا سوت دائىرىلىرى 20 ئۇيغۇرنى «بۆلگۈنچىلىك»، «ئىنتېرنېتتا جىھاد چاقىرىقى تارقىتىش» ۋە «تېررورلۇق» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ ئالدىنى 15 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا بۇيرۇغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يۇقىرىقى ھۆكۈملەر ھەققىدىكى باياناتىدا مەزكۇر جىنايەتلەرنىڭ ئويدۇرۇپ چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.