خىتاي دائىرىلىرى رابىيە قادىر سودا سارىيىنى ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرى تۇرۇشلۇق گازارمىغا ئايلاندۇرماقچى ئىكەن

خوڭكوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم تەرىپىدىن 1992-يىلى سېلىنغان رابىيە قادىر سودا سارىيىنى خىتاي ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرى تۇرۇشلۇق گازارمىغا ئايلاندۇرماقچى ئىكەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011-07-06
Share

خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر 2006-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىك ئورنىغا چىققاندىن باشلاپ، رابىيە قادىر سودا سارىيىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن تارتىۋالغان. لېكىن ئىغۋاگەرچىلىك بۇنىڭ بىلەن تۈگىمىگەن. ئېلېكتر شىركىتى پات-پات توك بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىپ قويسا، پار شىركىتى قەھرىتان قىش ئايلىرىدا پار بېرىشنى توختىتىپ قويىدىغان، بىنانىڭ يەر ئاستى ئۆيىنى سۇ بېسىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرگەن ئىدى.

2009-يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەزكۇر سودا سارىيىدىكى بارلىق ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، بىناغا پېچەت سالغان. دائىرىلەرنىڭ بىر مەزگىل بىنانى چېقىپ تاشلاپ، باغچىغا ئۆزگەرمەكچى بولغانلىقىغا دائىر گەپ-سۆزلەر تارقالغان بولسىمۇ، لېكىن بىنا ھازىرغا قەدەر پېچەت سېلىنغان پېتى تۇرۇۋاتقان ئىدى.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «ئەينەك» گېزىتىنىڭ چارشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇخبىرلىرى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىدىن سودا ساراينى خىتاي ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرىنىڭ گازارمىسىغا ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىگىلىگەن.

مەزكۇر خەۋەر دەل چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ ئىككى يىللىقىنى خاتىرىلەپ نامايىش قىلغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن ئۇيغۇر نامايىشچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان «قىرغىنچىلىقى» غا نارازىلىق بىلدۈرگەن كۈننىڭ ئەتىسى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت