خوۋارد فرەنچنىڭ "خىتايدىكى ئاز سانلىقلارنى بىر ئۇيغۇرنىڭ كۆزى بىلەن كۆرۈش" دېگەن ماۋزۇدىكى مەزكۇر ماقالىسىدە رابىيە خانىمنىڭ بىئوگرافىيىسى مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا خىتاينىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى، لېكىن ئۇنىڭ بىئوگرافىيىسىدە كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغان نەرسە ئادەتتىكى بىر ئايالنىڭ تۇرمۇش قاينىمىدىن بۆسۈپ چىقىپ، خىتايدىكى ئەڭ باي ئايالغا ئايلانغانلىقى، سىياسى كېڭەشنىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا قەدەر يۈكسەلگەنلىكى ئىكەنلىكىنى يازغان.
خوۋارد فرەنچ يەنە، كىتابنىڭ كىشىگە رابىيە قادىر خانىمنىڭ كىشىلىكىدىكى خىسلەتلەرنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ "ساپلىقى، ئەقىللىقلىقى، گۈزەللىكى، جاسارىتى، قەيسەرلىكى، پىداكارلىقى، ئەخلاقلىقلىقى، ئۆتكۈرلۈكى ۋە قورقماس روھى" نامايەن قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىئوگرافىيىسى تۇنجى قېتىم 2007 - يىلى گېرمانىيىدە نەشر قىلىنغان ئىدى. كىتابنىڭ ئىنگىلىز تىلىدىكى نەشرى يېقىندا ئامېرىكا كەلىس نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. 426 بەتلىك كىتاب رابىيە قادىر خانىمنى 1999 - يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئېلىپ چىقىش ۋەقەسى بىلەن باشلىنىدۇ.