رابىيە قادىر خانىم 'تاغ' كىنو فېستىۋالىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەسپېنگە يۈرۈپ كەتتى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىنىڭ كالورادو شىتاتىنىڭ ئەسپېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەشھۇر خەلقئارالىق فېستىۋال - تاغ كىنو فېستىۋالىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.08.26

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم "مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" ئەسپىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، فېستىۋال 26 - ئاۋغۇستتىن 29 - ئاۋغۇستقىچە 3 كۈن داۋام قىلىدىكەن.

بۇ رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تاغ كىنو فېستىۋالىغا ئىككىنچى قېتىم قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ. فىلىم بىرىنچى قېتىم كالورادو شىتاتىنىڭ تېللۇرىد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋالغا قاتناشتۇرۇلغان ئىدى.

تاغ كىنو فېستىۋالى كىشىلەرنى دۇنيادىكى قەدىمىي مىللەتلەر، قەدىمىي مەدەنىيەتلەر، قەدىمىي شەھەرلەر، قىممەتلىك ھايۋانلار ۋە تەبىئىي مۇھىت قاتارلىقلارنى قوغداشقا سەپەرۋەر قىلىشنى مەقسەت قىلغان خەلقئارالىق بىر كىنو فېستىۋالىدۇر.

فېستىۋالغا رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىرلىكتە قىزى راھىلە خانىممۇ تەكلىپ قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.