مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە قادىر خانىم بۇ زىيارىتى جەريانىدا يەنە، پالاۋ پرېزىدېنتى جونسون تورىبىيوڭ بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن.
پالاۋ ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن 6 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا ۋاقتىنچە پاناھلىق بەرگەن ئىدى.
پالاۋ پرېزىدېنتى جونسون تورىبيوڭ تۈنۈگۈن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئۇلارنى ئۇيغۇر جامائىتى ئولتۇراقلاشقان دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى. ئۇ يەنە ئاۋسترالىيىنىڭ ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ 6 ئۇيغۇرغا تولىمۇ باپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئاۋسترالىيىنى ئۇلارنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.