فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋستىرالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستېپان سىمىت خىتاي ھۆكۈمىتى قارشى تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بەرمەسلىكىنىڭ ھىچقانداق بىر سەۋەبى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، "بىز ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى ئىپادىلەشكە يول قويىمىز، بۇ ئاۋستىرالىيە جەمئىيىتىنىڭ تەبئىتى،" دېگەن.
ئاۋستىرالىيە رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋستىرالىيىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسىنى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. لېكىن ئاۋستىرالىيە ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىدا چىڭ تۇرغان ئىدى.
ئاۋستىرالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستېپان سىمىت جۈمە كۈنى ئاۋستىرالىيىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار مېلبورىندىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلغان.
لېكىن ستېپان سىمىت سۆزىدە يەنە، "خىتاي دائىرىلىرىگە مەن شۇنى ئەسكەرتتىم، بىزنىڭ بىرەر شەخسنىڭ ئاۋستىرالىيىنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشىمىز، بىزنىڭ بۇ شەخس ئوتتۇرىغا قويغان پۈتۈن پىكىرلەرگە ياكى قىسمەن پىكىرلەرگە قوشۇلغانلىقىمىزنى كۆرسەتمەيدۇ،" دېگەن.
رابىيە قادىر خانىم 8 - ئاۋغۇست كۈنى مېلبورىندىكى ئاۋستىرالىيە خەلقئارا كىنو فېستىۋالىغا قاتنىشىدۇ.