رابىيە قادىر خانىم رامزانلىق نۇتۇق ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئىتتىپاقلىققا چاقىردى
2012.07.20
مۇسۇلمانلارنى مۇبارەك رامزاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىققا چىقىشىنى، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ پات يېقىندا ئازادلىققا ئېرىشىشىنى تىلەشكە چاقىردى. كىشىلەرنىڭ «مۇشۇ روزا رامزاندا ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى، ئاتا-ئانىلىرىنى، قىينىلىۋاتقان، قېچىپ يۈرگەن تۇغقانلىرىنى يوقلىشىنى، ۋەتەننىڭ ئىچى-سىرتىدىكى قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىنى زاكات، سەدىقە-پىتىرلەر بىلەن يوقلىشى» نى ئۈمىد قىلدى.
تۈرمىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە يوقاپ كېتىپ، ھازىرغا قەدەر ئىز دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى د ئۇ ق رەھبىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىپ كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلە. رابىيە قادىر خانىم يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ روزا-رامزان دۇنيادىكى باشقا مۇسۇلمانلاردەك ئەركىن، ھۆر تۇتالمايدىغانلىقى، چۈنكى خىتاينىڭ رامزان ئېيىدا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ،«ئۆي-ئۆيلەردىن ئادەم تۇتىدىغانلىقى، نازارەتنى كۈچەيتىدىغانلىقى، بىچارە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قورقۇنچ، دەككە-دۈككە ئىچىدە روزا تۇتىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ يىللىق رامزان نۇتقى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ خوتەن، قەشقەر قاتارلىق ۋىلايەت-شەھەرلىرىدە يەرلىك دائىرىلەر رامزان قوشۇقى ئېيتىشنى چەكلەپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، كادىر، خىزمەتچى ۋە دەم ئېلىشقا چىققان ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەن، ئۇلارنى روزا تۇتماسلىققا قەسەم قىلدۇرۇپ، ئەھدىنامە يازدۇرغان بىر پەيتتە ئېلان قىلىندى.
رابىيە قادىر خانىم يەنە، پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلار ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى دۇئا-تىلاۋەتكە چاقىرىپ، ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئاسانلىشىشىنى تىلەشنى، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ روزا رامزاندا ئىتتىپاقلىشىپ، تىلەكلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە چاقىردى.