«خەلق گېزىتى» نىڭ «يېڭى يىلدا راست گەپ قىلىشقا تىرىشىمىز» دېگەن سۆزلىرى مەسخىرىگە ئۇچرىدى

خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان كىرىش سۆزىدە مۇشتەرىلەرگە بەرگەن بىر قىسىم ۋەدىلىرى تور ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك مەسخىرىسىگە ئۇچرىدى. كىرىش سۆزدە «يېڭى بىر يىلدا راست گەپ قىلىشقا، ئەمەلىي ئىش قىلىشقا تىرىشىمىز ۋە، مۇشتەرىلىرىمىز ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز» دېيىلگەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.01.02

«خەلق گېزىتى» نىڭ راست گەپ قىلىشقا تىرىشىش ۋەدىسىنى، تور ئەزالىرى، بۇ «خەلق گېزىتى» نىڭ يىللاردىن بېرى يالغان گەپ قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى، دەپ ئىنكاس قايتۇردى.

تور ئەزالىرىدىن بىرى،«خەلق گېزىتى» نىڭ نەشر قىلىنغاندىن بۇيان پارتىيىنىڭ تىلى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، ھېچقاچان خەلق ئۈچۈن گەپ قىلمىغانلىقىنى يازسا، يەنە بىر تور ئەزاسى «خەلق گېزىتى» ئادەمچە گەپ قىلمىغىنى ئۇزۇن يىللار بولدى، راست گەپ قىلىشىنى قانداقمۇ كۈتەلەيمىز؟ دەپ ئىنكاس يازدى.

«خەلق گېزىتى» نىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى يىللىق كىرىش سۆزىگە 2 كۈن ئىچىدە 1100 دىن ئارتۇق ئىنكاس يېزىلغان بولۇپ، ئىنكاسلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى«خەلق گېزىتى» نىڭ ئاخباراتچىلىق ئەمەس، پەقەتلا تەشۋىقاتچىلىق رولى ئويناپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان ۋە يېڭى يىلدا راست گەپ قىلىش ۋەدىسىنى مەسخىرە قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.