ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى كىشىلىك ھوقۇق ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

خوڭكوڭدا شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 16 - نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ئاخبارات مۇكاپاتى مۇراسىمىدا فرانسىيە ئاگېنتلىقى بىلەن بىرلىكتە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىمۇ كىشىلىك ھوقۇق ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

ئەسلى ئىرانلىق فرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرى بەھروز مېھرى پاكىستان كوچىلىرىدىكى خېروئىنغا ئۆگىنىپ قالغان سەرگەردان بالىلارنىڭ سۈرەتلىرى بىلەن ئىككى مۇكاپات ئالغان.

ئۇنىڭدىن باشقا «ۋاقىت» ژۇرنىلى، «جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر پوچتىسى»، «ئەل جەزىرە»، CNN خوڭكوڭدىن چىقىدىغان «مڭپاۋ» گېزىتى قاتارلىقلارمۇ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكى قاتارلىقلار تېما قىلىنغان خەۋەرلىرى بىلەن ھەرخىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

مۇراسىمنى خوڭكوڭدىكى چەتئەل ئاخباراتچىلار كۇلۇبى، خوڭكوڭ ژۇرنالىستلار بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

خوڭكوڭ ژۇرنالىستلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ماك يىنتىڭ خوڭكوڭ ۋە ئاسىيادىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكنى دۇنياغا ئاشكارىلاشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.