رامزان مەزگىلىدە ئاقسۇ شاياردىكى 21 مەسچىت دۆلەت بايرىقى ئېسىشقا، كادىرلار سۇ ئىچىشكە مەجبۇرلاندى
2011.08.16
باياناتچى دىلشات رىشىت شايار ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ رامزان مەزگىلىدە كادىرلار ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ زورا تۇتۇشىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى.«رامزان باشلانغاندىن بۇيان شايار ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ناھىيە تەۋەسىدىكى كادىرلار ھەم ئوقۇغۇچىلارنى ھەر جۈمە كۈنى يىغىۋېلىپ، ئۇلارغا بوتۇلكىلىق ئىچىملىك سۇ تارقىتىپ بەرگەن. ئۇلارنى تاۋۇز قاتارلىق مېۋىلەرنى يېيىشكە مەجبۇرلاپ كادىرلار ھەم ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى روزا تۇتۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن.»
رادىئومىز جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىمۇ، رامزان مەزگىلىدە قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا ھۆكۈمەت كادىرلىرى ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشى ھەم مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇشى بىردەك چەكلەنگەن بولۇپ، يۈزىنى ياپقان روپاش ئاياللارنىڭ ياغلىقلىرى مەجبۇرىي ئېلىۋېتىلىپ، ئەرلەر ساقىلىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە مەجبۇرلانغان.