بېلارۇسىيىدىكى رۇسىيە ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

رويتىرېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن كەچتە بېلارۇسىيە پايتەختى مىنسك شەھىرىدىكى رۇسىيە ئەلچىخانىسى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ۋەقەدە ھۇجۇمچى ئەلچىخانىغا قارىتىپ ئىككى دانە بومبا تاشلىغان.

ھۇجۇمدا ھېچقانداق ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ھادىسىسى يۈز بەرمىگەن، پەقەت بىر ئەلچىخانا ئاپتوموبىلى ۋەيران بولغان.

بۈگۈن بېلارۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقەنى رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغان لۈكچەكلەرنىڭ ئىشى دەپ ئەيىبلىگەن. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان بېلارۇسىيىلىكلەر ئارىسىدا، قەدىناس ئىتتىپاقدېشى رۇسىيىگە بولغان بېقىندىلىقنى ئازايتىش پىكىر ئېقىمى باش كۆتۈرگەن.

6 ‏-ئايدا بېلارۇسىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا گاز باھاسىدا ئىختىلاپ تۇغۇلۇپ، گاز يولىنى كېسىۋېتىش ھەققىدە ئۆز ‏- ئارا تەھدىتلەر سېلىنغان.

قىرغىزىستاننىڭ سابىق پرېزىدېنتى باقىيېفنىڭ بېلارۇسىيىدە پاناھلىنىشىمۇ، رۇسىيىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئەمما رۇسىيە ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئېنىق قايسى سەۋەبتىن ئىكەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.