رۇسىيە چەتئەل ئاپتوموبىللىرىنىڭ چېگرا بېجىنى ئۆستۈرمەكچى

رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋلادىمىر پۇتىن جۈمە كۈنى بۇنىڭدىن كېيىن چەتئەلەردىن ئىمپورت قىلىدىغان ئاپتوموبىللارنى ئازايتىش ۋە چېگرا بېجىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق رۇسىيىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىل سانائىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ھەم بۇ ئۇسۇل بىلەن رۇسىيىنىڭ ئەسلىدىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئاپتوموبىل سانائىتىنى ۋەيران بولۇش خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرۇش لازىملىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن رۇسىيىنىڭ بىر قىسىم ئاپتوموبىل سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پورت شەھەرلىرىدىكى پۇقرالار ۋە تىجارەتچىلەر نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بارغان.

"نەۋسرۇ" تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە كۈنى تىنچ ئوكيان بويىدىكى ئەڭ چوڭ ئىمپورت ۋە ئېكىسپورت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پورت شەھەر ۋلادىۋوستوكتا بىر قانچە يۈز ئادەم پۇتىننىڭ بۇ سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان بولۇپ، نەتىجىدە ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، ئاز دېگەندەك بىر قانچە ئون ئادەم قولغا ئېلىنغان.

ۋلادىۋوستوك رۇسىيىنىڭ تىنچ ئوكيان بويىدىكى ھەربىي - ئىقتىسادىي ۋە سودا ئەھمىيىتى ئىنتايىن مۇھىم پورت شەھەر. بۇ يەر يەنە تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ كىرگۈزۈلىدىغان بىرىنچى ئۆتكىلى بولۇپ، شەھەردىكى 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بۇ ساھەگە مۇناسىۋەتلىك ئىش ئورنى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

ئاساسلىقى ياپونىيە ماشىنىلىرى مەزكۇر شەھەر ئارقىلىق رۇسىيە ۋە باشقا مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ئەللىرىگە تارقىلىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن رۇسىيىلىكلەردە چەتئەل ماشىنىلىرى، بولۇپمۇ بېنزىن سەرپىياتى ئاز ھېسابلىنىدىغان ياپون ماشىنىلىرىنى ھەيدەش كۆپەيگەن بولۇپ، ياپون ئاپتوموبىللىرى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى خەلقلىرى جۈملىدىن رۇسىيىلىكلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن.

ئاپتوموبىل سودىگەرلىرى ۋە بۇ ساھەدە جان بېقىۋاتقان كىشىلەر چېگرا بېجىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئۇلارنىڭ تىجارىتىگىلا ئەمەس، بەلكى كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىغا قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. نارازىلىق ھەرىكەتلىرى يەكشەنبە كۈنىگىچە رۇسىيىنىڭ بىر قانچە جايلىرىغا كېڭەيگەن بولۇپ، ۋلادىۋوستوكتىكى نامايىشلار ئەڭ چوڭ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.