رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسەد مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جەنۋەدە ئېچىۋاتقان يىغىنى جەريانىدا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف رۇسىيىنىڭ سۇرىيە ۋە بەشىر ئەسەد مەسىلىسى ھەققىدىكى مەيدانىنى ئىپادىلەپ، رۇسىيىنىڭ خەلقارالىق سۆھبەتلەردە ئەسەدنىڭ تەقدىرى مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.12.09


رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، لاۋروف «ئەسەدەنىڭ تەقدىرى مەسىلىسى ھەققىدە رۇسىيە ھېچقانداق سۆھبەت ئېلىپ بارمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە لاۋروف، «ئەسەدنىڭ تەقدىرى مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى سۇرىيىدىكى توقۇنۇشنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن. ئەمما، رۇسىيە خىتاي بىلەن بىرلىشىپ، ب د ت نىڭ سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدە قارار چىقىرىشىنى توسۇپ كەلگەن ئىدى.

ئەمما، كۆزەتكۈچىلەر يېقىندىن بۇيان رۇسىيىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا. 3 - دېكابىر كۈنى پرېزىدېنت پۇتىن ئىستانبۇلدا تايىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەندە «رۇسىيە سۈرىيىنىڭ ئادۋوكاتى ئەمەس» دەپ جاكارلاپ، رۇسىيىنىڭ ئەسەد ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلارنى رەت قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.