رۇسىيىنىڭ نوۋوسىبىرسك شەھىرىدە فاشىستلارغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

يەكشەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ نوۋوسىبىرسك شەھىرىدە رۇس ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلىرى ۋە دېموكراتلىرى تەرىپىدىن فاشىستلارغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ نامايىشنىڭ تۈپ نىشانى يېقىندا بارنائۇل شەھىرىدە بىر كورىيىلىك ئوقۇغۇچىنىڭ تاقىرباشلار دەپ ئاتالغان فاشىست تەشكىلاتىنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

رۇسىيىنىڭ "نەۋسرۇ" تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلار يېقىندىن بۇيان رۇسىيىدە باشقا مىللەتلەرنى چەتكە قاقىدىغان ئىرقچىلىق، جۈملىدىن فاشىزملىق قىلمىشلارنىڭ كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، كىشىلەرنى فاشىزملىق خاھىشلارغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان.

نامايىشچىلار قوللىرىدا " فاشىزمغا بىرلىكتە قارشى تۇرايلى"، "فاشىزم ئەمەلگە ئاشمايدۇ" دېگەندەك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى، تاقىرباشلار دەپ ئاتالغان رۇس فاشىست ياشلار گۇرۇھىنىڭ ئادەم سانىنىڭ 50 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ موسكۋادىن تارتىپ، يىراق شەرقتىكى ۋلادىۋوستوكقىچە بولغان كەڭ دائىرىگە يېيىلىپ، قارا تەنلىكلەر، كاۋكازلىقلار، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ۋە خىتايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي ئاسىيالىقلارنى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى يېزىشماقتا.

26 - فېۋرال كۈنى موسكۋادا "ئاق بورە" دەپ ئاتالغان بىر تاقىرباشلار گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرى سوتلىنىپ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار نەچچە ئونلىغان قىرغىز، ئۆزبېك ۋە تاجىك ۋە ھەم باشقا مىللەت كىشىلىرىگە ھۇجۇم قىلغان ۋە ئۆلتۈرگەن ئىكەن.

مەزكۇر فاشىستلار گۇرۇھىنىڭ ئاساسلىق شۇئارى "رۇسىيە پەقەت رۇسلار ئۈچۈنلا" دېگەندىن ئىبارەت. فاشىستلارغا قارشى نامايىش ئىلگىرى موسكۋا شەھىرىدىمۇ بىر قانچە قېتىم يۈز بەرگەن ئىدى.