رۇسىيە پويىز پارتلاش ۋەقەسى ئۈستىدە تېررورىزمغا قارشى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ رۇسىيىنىڭ ئۇگلوۋكا شەھەرچىسىدىن خەۋەر قىلىشىچە، موسكۋا ۋاقتى 27 - نويابىر كەچ سائەت 21 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، موسكۋادىن سان پىترسبۇرگ شەھرىگە قاتنايدىغان 'نېۋسكى' بەلگىلىك 166 - قېتىملىق پەۋقۇئاددە تېز پويىزدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 600 يولۇچى ۋە 20 نەپەر پويىز خىزمەتچىسى بار 3 ۋاگۇن رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، 26 ئادەم ئۆلدى. يۈزدەك ئادەم يارىلاندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، رۇسىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى بۇ ھادىسىنى پەيدا قىلغان، 7 كىلوگرام ت ن ت بەلگىلىك پارتلىتىش دورىسى بىلەن يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان بومبا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان. رۇسىيە دائىرىلىرى بۈگۈن، بۇ ۋەقەنى "تېررورلۇق ۋەقەسى" دەپ بېكىتىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.