ئۈرۈمچى بىلەن سانجىدىكى 2 خىتاي شىركىتىنىڭ خادىملىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن

بۈگۈن يەنى سەيشەنبە كۈنى چۈشتە ئۈرۈمچىدىكى خۇاچۈن سودا شىركىتى بىلەن سانجىدىكى دوسىباي سودا شىركىتىنىڭ 40 تىن ئارتۇق خادىملىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 7 كىشى يارىلانغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.11.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

تەڭرىتاغنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، توقۇنۇش ئىككى شىركەتنىڭ پاختا تالىشىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان. مەلۇم بولۇشىچە، خۇاچۈن شىركىتى بۇ يىل 9 ‏- ئايدا دوسباي شىركىتى بىلەن توختاملىشىپ، دوسباي شىركىتىنىڭ پاختا زاۋۇتىنى سېتىۋالغان. توختام بويىچە، دوسىباي شىركىتى زاۋۇت ئۈسكۈنلىرى ۋە پاختا سېتىۋېلىش ھوقۇقىنى خۇاچۈن شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئەمما، پاختا سېتىۋېلىش مەزگىلى كەلگەندە مەزكۇر شىركەت پاختا سېتىۋېلىشتىن ۋاز كەچمىگەن.

دوسىباي شىركىتى 8 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى پاختىنى زاۋۇتتىن يۆتكەپ سېتىشقا باشلىغاندا، خۇاچۈن شىركىتىنىڭ خادىملىرى زاۋۇتقا بېسىپ كەلگەن؛ بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، خۇاچۈن شىركىتىنىڭ 5 خادىمى ئېغىر يارىلانغان.

خوتەننىڭ قاراتاغىز يېزىسىدىكى دېھقانلار ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان پاختىنى ئۆزلىرى سېتىش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىپ، بېيجىڭدا ئەرز قىلىپ يۈرگەن بۇ كۈنلەردە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۆز ‏- ئارا پاختا تالىشىپ جېدەللىشىشى ئۇيغۇر رايونىنىڭ مىللىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدىكى مۇرەككەپچىلىكنى باشقا بىر نۇقتىدىن كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.