جاڭ چۈنشيەننىڭ ساقال-بۇرۇت ئەركىنلىكى ئۇقتۇرۇشى پوسكامغا يېتىپ بارالمىغان
2013.02.11
ئۇقتۇرۇشنىڭ رەسىملىك كۆرۈنۈشى بىرقانچە كۈندىن بېرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ فەيس بۆك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە كۆچۈرۈلۈپ تارقالماقتا. رەسىمدىكى ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر بېكەت بۇ ئۇقتۇرۇشنى ناھىيىلىك پارتكومنىڭ ئالاقىدار ھۆججىتىگە ئاساسەن چىقارغان. گەرچە بۇ تۈردىكى ئۇقتۇرۇشلار بۇندىن ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم بايقىلىپ، ئۇيغۇر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇربىز تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن، بۇلتۇر مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ ساقال-بۇرۇت ۋە روپاش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشنى بۇيرۇغان.
پوسكام ناھىيىسىدە مەزكۇر چەكلىمىنىڭ تېخى ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقانلىقى، جاڭ چۈنشيەننىڭ ساقال-بۇرۇت ئەركىنلىكى ھەققىدە ھۆججەت چۈشۈرگەنلىكىنىڭ راستلىقى ھەققىدە گۇمان پەيدا قىلسا، يەنە جاڭ چۈنشيەننىڭ مەزكۇر ھۆججىتىنىڭ تۆۋەندە ئېتىبارغا ئېلىنمىغانلىقىمۇ تەخمىن قىلىنماقتا.