شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە زەربە بېرىشكە چاقىردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 21‏-سېنتەبىر كۈنى بېيجىڭدا 19‏-قېتىملىق كېڭەش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.09.21

يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنى «تېررورچى» دەپ باستۇرۇپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان.

يىغىندا خىتاينىڭ مۇئاۋىن جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مىڭ خۇڭۋېي، ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە ۋە يەرلىك بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدە يېڭى ئۆزگىرىش پەيدا بولدى دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىش ئۈچۈن ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنى تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي رادىكاللىقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشقا چاقىرغان.

بۈگۈن خىتاي رىياسەتچىلىك قىلىپ بېيجىڭدا ئاچقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا يەنە، خىتاي دائىرىلىرى 2012-يىلىدا ئېلىپ بارىدىغان تېررورچىلىققا قارشى بىرلەشمە مانېۋىر ۋە تېررورچىلىققا ئىنتېرنېت ئارقىلىق زەربە بېرىش جەھەتتىكى بىر قاتار پىلانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.