خىتاي دائىرىلىرى شاڭخەيدە يۈز بەرگەن ئوت كېتىش ۋەقەسىدىكى جاۋابكارلارنى سوتلىدى
2011.08.02
سوتتا شاڭخەي شەھىرى ئەننىڭ رايونلۇق قۇرۇلۇش-قاتناش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گاۋ ۋېيجوڭ ھەم باشقا 3 نەپەر خىزمەتچى خادىمى «خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ، قۇرۇلۇش شىركەتلىرىدىن پايدا ئېلىشنىلا كۆزلىگەن. قۇرۇلۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلماي، خەلقنىڭ ھاياتىغا زامىن بولغان» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، 16-يىلدىن 13 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا ئولتۇراق ئۆي، مەكتەپ، تۆمۈريول ۋە تاشيول قۇرۇلۇشلىرىدا، سۈپەتنىڭ تۆۋەن بولۇشى سەۋەبلىك ھەرخىل ھادىسىلەر بارغانچە كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، بۇلار خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خىيانەتچى ئەمەلدارلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى بارغانچە كۈچەيتكەن.
تېخى ئۆتكەن ئايدىلا شاڭخەي-ۋېنجۇ تۆمۈريول لىنىيىسىدە يۈز بەرگەن پويىز ۋەقەسىنىڭمۇ تۆمۈريول قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۆلچەمسىزلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.