شاڭخەيدە ئوت ئاپىتىدە دوختۇرنىڭ قېچىشى بىمارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى

ئالدىنقى كۈنى شاڭخەي شەھەرلىك 3-دوختۇرخانىدا ئوت ئاپىتىنىڭ ئالامىتى كۆرۈلۈپ، بىر دوختۇرنىڭ بىمارنى تاشلاپ قېچىشى، بىمارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011-08-26
Share

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۈگۈن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شۇ كۈنى دوختۇرخانىدىكى بىر دېزىنفېكسىيە ماشىنىسىغا ئوت تۇتۇشۇپ، دوختۇرخانىدا ئالاقزادىلىك پەيدا قىلغان. سېسترالاردىن بىرى ئوت تۇتاشقان ماشىنىنى سۇ سېپىپ ئۆچۈرەلمىگەندىن كېيىن، دوختۇر ۋە سېسترالار دوختۇرخانىدىن قاچقان.

بۇ جەرياندا بىر پۇتى كېسىپ تاشلىنىش ئوپېراتسىيىسى قىلىنىۋاتقان بىر بىمارمۇ ئوپېراتسىيە ئۈستىلىدە يېرىم سائەت يالغۇز قالغان. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ئوتنى ئۆچۈرگەندىن كېيىن، دوختۇرلار ئىشخانىلىرىغا قايتىپ كىرگەن. ئەمما بۇ چاغدا ئوپېراتسىيە ئۈستىلىدىكى بىمار جان ئۈزۈپ بولغان.

دوختۇرخانا بۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى تولۇق ئۈستىگە ئالغان.

ۋەقەنىڭ خەۋەرلەردىكى تەپسىلاتى، ئەسلىدە ئوت ئاپىتى ئالامىتىنىڭ ئۇنچىۋالا دەرىجىدە خەتەرلىك ئەمەسلىكىنى ھەم دوختۇرلار قاچقاندا بىمارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر ۋەقەنى يالغۇز خىتاي جەمئىيىتىدىكى كەسپىي ئەخلاق مەسىلىسىلا ئەمەس، ئىنسانىي ئەخلاق جەھەتتىكى ئاجىزلىق مەسىلىسى دەپ قاراشماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت