شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا سۇ توقۇنۇشى كېلىپ چىقماقتا

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى رۇسىيە، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ئارىسىدا، سۇ مەنبەئەلىرىدىن پايدىلىنىش مەسىلىسىدە توقۇنۇش كېلىپ چىقىۋاتقاندىن باشقا، خىتاي بىلەن قازاقستانمۇ سۇ مەنبەلىرى مەسىلىسىدە توقۇنۇشقا يۈزلەنمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-01-31
Share


ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈن موسكۋادىن خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ ئۆزبېكىستاندا 'چېگرىداش دەريالاردىن پايدىلىنىشتا ھەر تەرەپ ماقۇل بولغان بولۇشى كېرەك' دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، تاجىكىستان رۇسىيىنى 'ئۆزبېكىستانغا يان باستى' دەپ ئەيىبلىگەن ۋە رۇسىيىنىڭ تاجىكىستاندا ئەسكەر تۇرغۇزۇشىغا قارشى چىقىپ، ئافغانىستان مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە يەنە، قازاقىستانمۇ 'خىتاي ئېرتىش دەرياسىنىڭ سۈيىنى كۆپ سەرپ قىلىپ، قازاقىستاننىڭ سۇ مەنبەسىنى كاملىتىۋەتتى' دەپ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

رۇس مۈتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدا سۇ مەنبەلىرى مەسىلىسى كۈندىن - كۈنگە كەسكىنلەشمەكتە. بۇ مەسىلە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. بۇ رايوندىكى سۇ توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشقا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھېچقايسىسىنىڭ قۇربى يەتمەيدۇ. قايسى بىرى ھەم بۇ رايوندا تېز مەنپەئەت چىقمايدىغان ئىشقا مەبلەغ سېلىشنى خالىمايدۇ. ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ھازىر تىنچلىققا مۇھتاج.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت