شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا ئاساسلىقى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 12-نۆۋەتلىك يىغىنى 1-ئىيۇن كۈنى بېيجىڭدا باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.05.31

خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چېن گوپىڭ يىغىن ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايوندىكى تېررورىزم ھەرىكەتلىرى بىلەن تېخىمۇ قاتتىق كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چېن گوپىڭ سۆزىدە، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت ئىچىدىكى جىددىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ» دېگەن.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۆزلىگەن مەقسەتلىرىنىڭ ھەر خىللىقى ھەققىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۆپى خىتاينىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى باش شتابى باشلىقى چېن بىڭدېنىڭ يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتا ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلىشىمۇ بۇ كۆز قاراشنى قۇۋۋەتلىمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆزبېكىستان مۇداپىئە مىنىستىرى قوبۇل بەردىيېۋ خىتاي گېنېرالىنى كۈتۈۋالغاندا «ئۆزبېكىستان بىر خىتاي سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، خىتاينىڭ تەيۋەن، شىنجاڭ ۋە تىبەت مەسىلىلىرىدىكى مەيدانىنى قوللايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ 12-نۆۋەتلىك يىغىنىغا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە پاكىستان دۆلەت باشلىقلىرىدىن باشقا يەنە ئافغانىستان پرېزىدېنتى خامىد كارزاي ۋە ئىران پرېزىدېنتى ئەھمەدى نىجات قاتنىشىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.