خىتاي تۈركىيىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىشىغا قارشى چىقتى
2011.09.05
نۆۋەتتە ئۇلار رەسمىي ئەزا بولۇشنى تەلەپ قىلماقتا ئىدى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا رۇسىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ چوقۇم كېڭىيىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئانالىزچىلار رۇسىيە بىلەن خىتاي تەرەپ ئارىسىدا كىملەرنى ئەزا قىلىش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ بارلىقىنى، بۇ ئىختىلاپنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كۆزەتكۈچى بولۇپ كىرىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، رۇسىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئىلمىي خادىمى كۇرتوف تۈركىيىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، بىراق بۇ تەلەپنىڭ خىتاينىڭ توسقۇنلۇقى ۋە قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئىچكى ئىختىلاپلىرىنى سىرتقا تەشۋىق قىلمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستان بىلەن ھىندىستان كۆپ قېتىم شاڭخەي ھەمكارلىقىغا رەسمىي ئەزا بولۇشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، خىتاي پاكىستاننى، رۇسىيە ھىندىستاننى قوللايدۇ.
شاڭخەي ھەمكارلىقىدىكى بەش دۆلەتنىڭ ھەممىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرى بولۇپ، ئۇلار ھامان رۇسىيە تەرەپتە تۇرىدۇ.خىتاي بولسا تەنھا بولۇپ، ئۇ ئىتتىپاقدىشى پاكىستاننىڭ ئەزالىقىنى قوللايدۇ، ئەمما رۇسىيە بولسا خىتاينىڭ رىقابەتچىسى ھىندىستاننى ئەزا قىلىشقا قىزىقىدۇ.