جياڭسۇدا شى جىنپىڭنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش چاقىرىقىنى قوللاپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ساقچىلار تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن

جياڭسۇنىڭ ۋۇ يى شەھىرىدە 500 ئەتراپىدا كىشى شەھەر مەركىزىگە توپلىنىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش چاقىرىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزگەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.01.28

قوللىرىدا لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشكەن نامايىشچىلار، شى جىنپىڭنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرغاندا يولۋاسقىمۇ، چىۋىنگىمۇ ئوخشاش زەربە بېرىش شوئارىغا ئالقىش ياغدۇرغان. نامايىشچىلار ۋۇيى شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن شى جىنپىڭنىڭ چاقىرىقىغا ئەمەل قىلىپ شەھەردىكى زوراۋان ساقچىلارنى ۋە چىرىك ئەمەلدارلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان.

نامايىشچىلار يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىگە يول قويۇپ، جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي ئادالەتنىڭ شەكىللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، نامايىشتا گەرچە خىتاي كومپارتىيىسى 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ، نامايىشچىلارنىڭ سانى ۋە نامايىشنىڭ جىددىي كەيپىياتى خىتاي ساقچىلىرىنى ساراسىمىگە سالغان.

ئاخىرىدا ساقچىلار نامايىشچىلارنى تارقاپ كېتىشكە بۇيرۇغان ۋە قوللىرىدىكى لوزۇنكىلارنى يىغىۋالغان، نەتىجىدە بىر قىسىم نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا ماجىرا يۈز بەرگەن ۋە ئىككى نەپەر نامايىشچى تۇتۇپ كېتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.