شى جىنپىڭنىڭ ئېكراندىن غايىب بولۇشى تۈرلۈك سۆز-چۆچەكلەرگە سەۋەب بولدى

خىتاينىڭ تەيىنلەنگۈسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى خىللارى كلىنتون بىلەن ئۇچرىشىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بۈگۈن يەنە دانىيە باش مىنىستىرى بىلەن ئۇچرىشىش پلانىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

بۇ ئەھۋال خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى خىتايچە توربەتلەردە، شى جىنپىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە تۈرلۈك سۆز-چۆچەكلەرنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. چەتئەلدىكى بوشۈن تورىدا بايان قىلىنىشىچە، شى جىنپىڭ بىلەن خىتاي كومپارتىيىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى خې گۇئوچياڭ، 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان. ۋەقەدە خې گۇئوچياڭ ئېغىر يارىلانغان ۋە شى جىنپىڭ بولسا يېنىك يارىلانغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، قاتناش ۋەقەسى ئەسلىدە مەزكۇر ئىككى شەخسكە قارىتا بىر سۇيىقەست بولۇپ، ۋەقەنى خىتاينىڭ ھوقۇقتىن يىقىلغان ئەمەلدارلىرىدىن بو شىلەي بىلەن جوۋ يونكاڭنىڭ تەرەپدارلىرى پەيدا قىلغان.

غەيرىي رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىسى بولغان بوشۈننىڭ بۇ خەۋىرىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ئېنىق بولمىسىمۇ خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى تور بەتلەردە كەڭ غۇلغۇلا قوزغىغان. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ساقچىلىرى شى جىنپىڭ ۋە خېگۇئوچاڭ ھەققىدە تارقالغان يۇقىرىقىدەك سۆز-چۆچەكلەرنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شى جىنپىڭ ۋە خېگۇئوچاڭ دېگەن سۆزلەر ئىزدەشتىن چەكلىۋېتىلگەن.