ياۋروپادىكى بىر خىتاي ئاممىۋى تەشكىلاتى شى جىنپىڭنى ماۋ زېدۇڭ ۋە دېڭ شياۋپىڭنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇشقا چاقىردى

ياۋروپادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان جاڭ يىڭ بۈگۈنكى يېڭى يىل نۇتقىدا، خىتاي خەلقىنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ يېڭى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-12-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇ نۇتقىدا 2012-يىلى خىتايدا يۈز بەرگەن گۇاڭدۇڭدىكى ۋۇكەن، سىچۈەندىكى شېنفاڭ ۋەقەسى شۇنداقلا يەنە ۋاڭ لىجۈننىڭ ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا قېچىپ كىرىشى ۋە بۆ شىلەي ۋەقەلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاي يېڭى دۆلەت رەھبەرلىرىنى بۇ ۋەقەلەردىن ئىبرەت ئېلىشقا ۋە توغرا يولنى تېپىۋېلىشقا چاقىردى.

ئۇ نۇتقىدا شى جىنپىڭغا خىتاب قىلىپ، خىتايدىكى چىرىكلىك مەسىلىسىنىڭ سىياسىي تۈزۈمدىن كېلىپ چىققانلىقىنى، ئۇنى قۇرۇق شوئار بىلەن تۈزەتكىنى بولمايدىغانلىقىنى، چىرىكلىكنى يوقىتىشنىڭ بىردىن-بىر يولى سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ نۇتقىدا يەنە «ماۋ زېدۇڭ ۋە دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئىدىيىۋى تەسىرىدىن قۇتۇلماي تۇرۇپ، يېڭى سىياسەتتىن، يېڭى تەدبىردىن ۋە ئىسلاھاتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت