بۇ يىل مارتتا جەنۇبىي كورىيىنىڭ بىر ھەربىي پاراخوتى چۆكۈپ كەتكەن ۋە 46 نەپەر جەنۇبىي كورىيە ماتروسى ئۆلگەن. كېيىن كۆپ دۆلەت مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مەزكۇر پاراخوتنىڭ شىمالىي كورىيە تورپېدا ھۇجۇمىدا پاچاقلانغانلىقىنى بېكىتكەن. شۇندىن باشلاپ كورىيە يېرىم ئارىلىدا ۋەزىيەت جىددىيلەشكەن ئىدى.
ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا ۋە جەنۇبى كورىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلىپ قىلىپ مانېۋىرنىڭ مۇشۇ يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
شەنبە كۈنى شىمالىي كورىيە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ " شىمالى كورىيە ئارمىيىسى ۋە خەلقى قۇدرەتلىك يادرو قوراللىرىنى ئىشقا سېلىپ بۇ چوڭ تىپتىكى يادرو ئۇرۇش مانېۋىرغا رەسمىي قايتۇرما ھۇجۇم قىلىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرى نۆۋەتتە شىمالىي كورىيە تەرەپتە بىرەر شەپە يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
25 - ئىيۇل ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشمە مانېۋىرغا ئامېرىكا تەرەپ يادرو يېقىلغۇلۇق USS جورجى ۋاشىنگتون ناملىق دەرىجىدىن تاشىقى ئاۋىئاماتكىسىنى ئەۋەتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، مانېۋىرغا ئىككى تەرەپتىن 8 مىڭ ئەسكەر، 20 سۇ ئۈستى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتى، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ F 22 تىپلىق رادارغا كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 200 ئايروپىلان قاتناش تۇرۇلىدۇ.
ئاسىيا ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئالدىنقى ھەپتە، بۇ مانېۋىرنىڭ خىتايغىمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.