ياپونىيە ئالاھىدە ۋەكىلى شى جىنپىڭغا شىنزو ئابېنىڭ خېتىنى تاپشۇردى

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابېنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ناتسو ياماگۇچى جۈمە كۈنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا شىنزۇ ئابېنىڭ سېنكاكۇ ياكى دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسى ھەققىدە يازغان خېتىنى تاپشۇرغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.01.25

بۇ، سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى تالاش-تارتىش ئۆتكەن يىلى 9‏-ئايدىن باشلاپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ تۇنجى قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شىنزو ئابې خېتىدە شى جىنپىڭ بىلەن دەرھال كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق ئىككى دۆلەتنىڭ رايوندىكى «تىنچلىق ۋە گۈللىنىشنى تەڭ قوغداش مەسئۇلىيىتى بار» لىقىنى تەكىتلىگەن.

لېكىن ياماگۇچى بىلەن شى جىنپىڭنىڭ قانداق مەسىلىلەرنى سۆزلەشكەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

شى جىنپىڭ «ياماگۇچىنىڭ جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى پەۋقۇلئاددە ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن بىر مەزگىلدە زىيارەت قىلغانلىقى» ۋە ئۇنىڭ زىيارىتىنىڭ «ئىنتايىن مۇھىم» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ياماگۇچىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھەر ئىككى تەرەپ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ۋە سوغۇققانلىققا ئېھتىياجلىق ئىكەن. ياماگۇچى شى جىنپىڭ بىلەن شىنزۇ ئابېنىڭ ئۆز ئارا ئۇچرىشىش مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئۇچرىشىش ۋاقتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىش كەيپىياتىدىن قارىغاندا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ بىر مەھەل پەسىيىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.