شۋېتسىيە رادىئوسى بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، شۋېتسىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ھازىر شۋېتسىيىدە پاناھلىنىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماتېرىياللارنى قولغا چۈشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، شۋېتسىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى يەنە بەزى ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى خەۋەر قىلىپ تۇرۇشقا قىستىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلگەن. خىتاي ئەلچى پى لىجۈن شۋېتسىيە رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، بۇنداق ئەھۋالنىڭ بارلىقىنى رەت قىلغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شۋېتسىيىدىكى پائالىيەتلىرى ئىلگىرىمۇ شىۋىت دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى. شۋېتسىيە ساقچى ئورگانلىرى بابۇر مەخسۇتنى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىشپىيونلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئالغان. ئۆتكەن يىلى يەنە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بىر خادىمىنى جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى.