سىچۈەنلىك تىبەت راھىبنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش ۋەقەسىدىن كېيىن رايون قامال قىلىندى

دۈشەنبە كۈنى سىچۈەننىڭ گەنزى رايونىدا يۈز بەرگەن، 29 ياشلىق سىۋاڭ نوربۇ ئىسىملىك تىبەت راھىبنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلۈۋېلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى رايوننى قامال قىلغان.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.08.16

نۆۋەتتە گەنزى رايونىنىڭ تېلېفون ھەم ئىنتېرنېت ئالاقىسىمۇ پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلانغان.

ھىندىستاندىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈندىن باشلاپ 1000 دىن ئارتۇق قوراللىق ساقچى راھىب سىۋاڭ نوربۇ ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان ئىبادەتخانىنى قورشىۋالغان.

ساقچى دائىرىلىرى يەنە ئىبادەتخانىنىڭ تىبەتلەرنىڭ دىنىي قائىدە يوسۇنلىرى بويىچە، راھىب سىۋاڭ نوربۇنى دەپنە قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان بولۇپ، جەسەتنى زورلۇق بىلەن ئېلىپ كېتىشكە ئۇرۇنماقتا ئىكەن.

لوندوندىكى ئەركىن تىبەت تەشكىلاتى تور بېتىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، سىچۈەندىكى گەنزى ئىبادەتخانىسىدا ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان ئۇدا نەچچە كۈن توك ئۈزۈۋېتىلگەن. ئىبادەتخانىدىكى نەچچە يۈزلىگەن راھىب يېمەكلىكتە قىينالغان.

دۈشەنبە كۈنى ئىبادەتخانىدىكى سىۋاڭ نوربۇ ئىسىملىك راھىب ئۆزىگە بېنزىن چېچىپ ئوت قويۇشنىڭ ئالدىدا، ئەتراپقا تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى تارقاتقان. ئۇ يەنە «تىبەتلىكلەر ئەركىنلىك تەلەپ قىلىدۇ!»، «دالاي لاما ياشىسۇن !»، «دالاي لاما نىڭ تىبەتكە كېلىشىگە يول قويۇلسۇن!» دەپ شوئار توۋلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.