سىچۈەن ئۆلكىسىدە يەنە ياپونىيىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯘﻣﻪ
2010.10.23
2010.10.23
ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان خىتاينىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىدە سېنكاكۇ مەسىلىسىدە ياپونىيىگە قارشىلىق بىلدۈرۈش نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.
بۇ يىل سېنتەبىردە ياپونىيە دېڭىز قوغدىغۇچىلىرى ياپونىيىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىغا يېقىنلاپ كەلگەن خىتاي بېلىقچى كېمىسىنىڭ كاپىتاننى 17 كۈن تۇتۇپ تۇرغاندىن كېيىن، قويۇپ بەرگەن ئىدى. بۇ خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە يىرىكلەشتۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا ۋە سىچۈئەننىڭ دېياڭ شەھەرلىرىدە ئوقۇغۇچىلارنى ياپونغا قارشى نامايىشتىن توسۇپ قېلىش ئۈچۈن، ھەپتە ئاخىرىدا دەرس ئورۇنلاشتۇرغان. ھالبۇكى، دېياڭ شەھىرىدە نامايىش يەنىلا ئېلىپ بېرىلغان.