بىرلەش ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ۋەقە تىبەتلەرنىڭ يېڭى يىل بايرىمىدا ئېلىپ بارىدىغان ئەنئەنىۋىي - دىنى پائالىيەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەنلىكىگە قارشى قوزغالغان نامايىشتىن كېيىن يۈز بەرگەن.
سۈرگۈندىكى تىبەت دائىرىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، 2 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سىچۇەن ئابا تىبەت ئوبلاستىدا بىر قىسىم راھىبلار كېرتى ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىغا توپلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەرنىڭ يېڭى بايرىمىدا ئېلىپ بارىدىغان ئەنئەنىۋىي دىنى پائالىيەتلىرى قاتتىق چەكلەنگەنلىكىگە قارىتا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ياشانغان لامالارنىڭ نەسىھەتلىرى بىلەن نامايىشچىلار تارقىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، 20 ياشلار چامىسىدىكى بىر ياش راھىب ئىبادەتخانا ئالدىغا كېلىپ، تىبەتلەرنىڭ قارلىق تاغدىكى شىر بەلگىلىك مۇستەقىللىق بايرىقىنى ۋە دالاي لامانىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ئۆزىگە ئوت قويغان. خىتاي ساقچىلىرى ئۆزىگە ئوت ياققان راھىبقا قارىتىپ ئۈچ پاي ئوق ئاتقان.
خىتاينىڭ 'شىنخۇا ئاگېنتلىقى' بۇ ۋەقەنى، ئۆزىنى كۆيدۈرگەن تىبەتنى ساقچىلار دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇشقا تىرىشتى، دەپ خەۋەر قىلدى. ئەمما ئۆزىگە ئوت قويغان كىشىنىڭ راھىب ئىكەنلىكىنى، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى، ھەم خىتاي ساقچىلىرى ئۇنى ئوققا تۇتقانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.