سىدىقھاجى روزىنىڭ يالتا كېلىشىمى ھەققىدە يازغان ماقالىسى 'ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتى' دە ئېلان قىلىندى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.11.26
2008.11.26
بۇ ئوبزوردا، ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت ھوقۇقى يالتا كېلىشىمى ئارقىلىق نابۇت قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭدىن كېيىن ستالىن بىلەن جاڭ كەيشى ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، بۇ كېلىشىم ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى نابۇت قىلىنغانلىقى، شۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى تا ھازىرغا قەدەر ئۈكسۈپ قالمىغانلىقى ۋە مۇستەملىكە قىلىنغان دۆلەت تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
سىدىقھاجى روزى ئەپەندى بۇ ئوبزورىدا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش 2005 - يىلى لاتۋىيىنىڭ رىگا شەھىرىدە سۆزلىگەن نۇتقىدا، يالتا كېلىشىمىنى 'تارىختا يۈز بەرگەن بىر چوڭ خاتالىق' دەپ جاكارلىغانلىقىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئەسلىتىش ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى بۇيىچە تارىختا يۈز بەرگەن خاتالىقلارنى ئەمدى تۈزۈتۈشكە باشلىشى لازىملىقىنى كۆرسەتكەن.