ياپونىيە تۇنجى قېتىم شىمالىي كورىيە قاچاقلىرىغا پاناھلىق بەردى
ياپونىيە بۈگۈن شىمالىي كورىيىدىن قولۋاق بىلەن قېچىپ ياپونىيىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا يېتىپ كەلگەن ئۈچ ئەر، ئۈچ ئايال، 3 بالا قاچاققا پاناھلىق بەردى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، قاچاقلارغا پاناھلىق بېرىش بۇنىڭدىن بۇرۇن ياپونىيىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي 1987-يىلى ۋە 2007-يىلى شىمالىي كورىيىدىن قېچىپ كېلىپ پاناھلىق تىلىگەن مۇساپىرلارنى شىمالىي كورىيىگە تۇتۇپ بەرگەن ئىدى. بۈگۈن ياپونىيە بىخەتەرلىك ئورگىنىڭ باشلىقى ئوسامۇ فۇجىمۇرا باياناتىدا، بۇ شىمالىي كورىيە قاچاقلىرىنىڭ جەنۇبىي كورىيىگە كېتىش تەلىپىنىمۇ ئورۇنلاشقا ۋەدە بەردى.