بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىكىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، 29 نەپەر جۇڭگولۇقنىڭ گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغانلىقى ھەمدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ سۇدان تەرەپ بىلەن بۇ ئادەملەرنىڭ بىخەتەرلىكى شۇنىڭدەك ئۇلار قىلىۋاتقان خىزمەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەم قوغداش ھەققىدە سۆزلەشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي ئىشچىلىرىنى گۆرۈگە ئالغان سۇدان خەلق ئازادلىق ھەرىكىتى بولسا بۇ تۇتقۇنلارنىڭ ساق - سالامەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ شىنخۇا تورى، مەزكۇر خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ خىتاينىڭ سۇداندىكى سۇ ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ يول ياساۋاتقان ئادەملىرى ئىكەنلىكىنى، 28 - يانۋار كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئىشلەۋاتقان جايىدا ھۇجۇمغا ئۇچراپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلغان.
نۆۋەتتە خىتاي بىلەن سۇدا ئارىسىدا كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادى ۋە كان مەھسۇئاتلىرىنى ئېچىش كېلىشىمى مەۋجۇت. سۇدان خەلق ئازادلىق ھەرىكىتى ئەسلىدە جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان تەشكىلات بولۇپ، بۇ تەشكىلات جەنۇبىي سۇداندا مۇستەقىل ھاكىمىيەت قۇردى. ئەمما، شىمالىي سۇداندىكى خەلق ئازادلىق ھەرىكىتى بولسا يەنىلا ئۆز ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى.