سومالىنىڭ ئىككى ۋىلايىتىدە ئاچارچىلىق باشلاندى

ب د ت 7‏-ئاينىڭ 20-كۈنى، سومالىنىڭ جەنۇبىدىكى باكۇل ۋىلايىتى بىلەن تۆۋەن شابەللە ۋىلايىتىدە ئاچارچىلىق باشلاندى دەپ جاكارلىدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.07.20

ب د ت نىڭ سومالىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئىشخانىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، سومالىنىڭ جەنۇبىدا 2 مىليون 800 مىڭ ئادەم ھازىر ياشاش خەۋپى ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ. يۇقىرىدا نامى تىلغا ئېلىنغان ئىككى ۋىلايەتتە ئوزۇقلۇق يېتىشمەي كۈندىن -كۈنگە ئاجىزلاپ كېتىۋاتقان ئۆسمۈرلەر 30%tin ئاشتى. بۇ رايوندىكى قەھەتچىلكتىن قېچىپ كېنىيە، ئىفوپىيىلەردە مۇساپىر بولۇۋاتقان ئادەم سانى 160 مىڭدىن ئاشتى. بۇنداق ئاچارچىلىق سومالىدا بۇنىڭدىن 19 يىل بۇرۇن بىر قېتىم يۈز بەرگەن ئىدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ب د ت ۋە ئامېرىكا بۈگۈن، توقۇنۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ھەر قانداق قوراللىق تەشكىلاتنى، بۇ رايونغا ئەۋەتىلىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمنى قوغداشقا چاقىردى. ئىككى يىلدىن بۇيان بۇ رايونغا ئىنسانپەرۋەلىك ياردەم ئەۋەتىش ئىنتايىن قېيىن بولۇۋاتقان ئىدى. بۇ رايونغا خەلقئارادىن كەلگەن ئىنسانپەرۋەلىك ياردەملەرنى ئەلقائىدە تەشكىلاتلىرى توسۇۋېلىۋاتقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.